ئىراننىڭ سابىق ئەدلىيە مىنىستىرىنىڭ گېرمانىيەدە داۋالىنىشى نارازىلىق پەيدا قىلدى

ئىراننىڭ سابىق ئەدلىيە مىنىستىرىنىڭ گېرمانىيەدە داۋالىنىشى گېرمانىيەنىڭ سىياسەتچىلەر بىلەن ئىنسان ھەقلىرى ياقلىغۇچىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى پەيدا قىلدى.

883817
ئىراننىڭ سابىق ئەدلىيە مىنىستىرىنىڭ گېرمانىيەدە داۋالىنىشى نارازىلىق پەيدا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ سابىق ئەدلىيە مىنىستىرى ئايەتۇللاھ مەھمۇت ھاشىمى شاھرۇدى گېرمانىيەدە قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.

ئىراننىڭ مۇھىم سىياسىي شەخسلىرىدىن ھېسابلىنىدىغان 69 ياشلىق شاھرۇدى مېڭىسىدىكى كېسەللىك سەۋەبىدىن ھاننوۋېر شەھىرىدىكى ناھايىتى كاتتا بىر خۇسۇسىي دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا.

گېرمانىيەلىك سىياسەتچىلەر ۋە ئىنسان ھەقلىرى ياقلىغۇچىلىرى شاھرۇدىنىڭ كاتتا خۇسۇسىي دوختۇرخانىدا داۋالىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

يېشىللار پارتىيەسى سابىق فېدراتىپ پارلامېنت ئەزاسى ۋولتېر بېك بۇ ئىشقا نارازىلىق بىلدۈرۈش بىلەن بولدى قىلماي، يەنە شاھرۇدى ئۈستىدىن ئەرز قىلدى.

ۋولتېر بېك بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «گېرمانىيەنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلغۇچىلارنىڭ ساناتورېيەسى بولۇشىغا قاراپ تۇرمايمىز، ئەگەر فېدراتىپ ھۆكۈمەت نۇرغۇن ئىنساننىڭ جېنىغا زامىن بولغان بىر شەخسنىڭ دېپلوماتىيە جەھەتتىن ئۈستۈنلۈك سالاھىيىتىنى نەزەردە تۇتۇپ ھەرىكەت قىلسا ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولىدۇ.»

ئىنسان ھەقلىرى ياقلىغۇچىلىرىمۇ مىنىستىر شاھرۇدىنى گېرمانىيە قانۇنلىرى بويىچە سوتلاشقا بولىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرمەكتە.

بىر تۈركۈم ئىرانلىق ھاننوۋېر شەھىرىدىكى خۇسۇسىي دوختۇرخانا ئالدىغا كېلىپ شاھرۇدىنىڭ داۋالىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

سابىق مىنىستىر شاھرۇدىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا ياۋروپادىكى مۇھىم شەخسلەردىن ئايەتۇللاھ رىزا رامىزان بىلەن دۇنياغا تونۇلغان مېڭە ئوپېراتسىيەسى دوختۇرى ماجىد سامى يېقىندىن كۆڭۈل بۆلمەكتە.

شاھرۇدى 1999-يىلدىن 2009-يىلغىچە ئىراندا ئەدلىيە مىنىستىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، شاھرۇدى ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە بىر بالا بولۇپ جەمئىي 2 ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەندىن سىرت، يەنە كىچىك ياشتىكى بالىلار بولۇپ مىڭلارچە ئادەم قىيىن-قىستاققا ئۇچرىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر