ستوكھولمدىكى بىر مېترو بېكىتىدە پارتلاش يۈز بەردى

شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولمدا نامەلۇم بىر سەۋەبتىن پارتلاش يۈز بېرىپ، بىر ئادەم يارىلاندى.

883314
ستوكھولمدىكى بىر مېترو بېكىتىدە پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ستوكھولم ساقچى ئىدارىسى، نامەلۇم بىر جىسىمنىڭ ھۇددىنگې رايونىدىكى مېترو بېكىتىگە يېقىن جايدا پارتلاپ، بىر ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ساقچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كىملىكى ئېلان قىلىنمىغان بىر كىشى يەردىكى بىر جىسىمنى قولىغا ئېلىشىغىلا پارتلىغان، مەزكۇر كىشىنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ۋەقە يۈز بەرگەن جاينىڭ ساقچىلارنىڭ كونتروللۇقىغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر