ئىراندا 79 جايدا باشلانغان نامايىش ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە جىددىي مۇزاكىرە قىلىندى

ئامېرىكىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى نىككى ھالېي «ئەركىنلىكنى قوللايدىغان دۆلەتلەر ئىران خەلقىنى قوللىدى. ئەمما بىز تېخىمۇ كۆپرەكىنى قىلىشىمىز لازىم» دېدى.

882947
ئىراندا 79 جايدا باشلانغان نامايىش ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە جىددىي مۇزاكىرە قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئامېرىكىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئىراندا داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلارنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ئالاھىدە يىغىن چاقىردى.

نىككى ھالېي، دېكتاتور ئىران ھۆكۈمىتىدىن زىرىككەن جەسۇر ئىنسانلارنىڭ ئۆز ھاياتىنى خەۋپكە ئىتتىرگەن ھالدا نامايىشقا قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىران خەلقىنىڭ بۇ جاسارىتىنى پۈتۈن دۇنيا ئالقىشلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى. ئىران خەلقىنىڭ مەملىكەت مىقياسىدا جەمئىي 79 جايدا ھۆكۈمەتكە قارشى قوزغالغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىران خەلقىنىڭ ساداسىنى پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ھالېي «ئىران سۈرىيەدە ئەسەد ھۆكۈمىتىنى قوللاش ئۈچۈنلا ئاز دېگەندىمۇ 6 مىليارد دوللار چىقىم قىلدى. بۇنى بىلگەن ئىران خەلقى ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرمەكتە» دېدى. 

نىككى ھالېي ئىراننىڭ يەمەندىمۇ خۇسىي مىلىتانلارغا مىليونلىغان دوللار ۋە باشقا دۆلەتلەرگە ئېتىشى ئۈچۈن بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا يوللىغانلىقىنى، ئىراندا ئوتتۇرىچە كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ ئالدىنقى 10 يىلغا سېلىشتۇرغاندا %50 نامراتلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. 

نىككى ھالېي ئىران خەلقنىڭ ئىران ھۆكۈمىتىنى تېررورلۇققا ياردەم قىلىشنى توختىتىشقا ۋە مىلياردلىغان دوللارنى قاتىللارغا ۋە دېكتاتورلارغا ئەۋەتمەسلىككە چاقىرىق قىلىپ كوچىلارغا چىققانلىقىنى ئەسكەرتتى

نىككى ھالېي «ئەركىنلىكنى قوللايدىغان دۆلەتلەر ئىران خەلقىنى قوللىدى. ئەمما بىز تېخىمۇ كۆپرەكىنى قىلىشىمىز لازىم» دېدى.

ئىراندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى تەرەپكىمۇ دىققەتنى تارتىپ، ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت ئالاقە ۋاستىلىرىنىمۇ چەكلەش ئارقىلىق خەلقنىڭ ئېغىزىنى يۇمدۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقىنى تەكىتلىدى. «ئامېرىكا، ئەركىنلىك ۋە باياشاتلىقنى تەلەپ قىلىدىغان ھەمدە دۆلەتلىرىنىڭ ئېتىبارى ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقان ئىران خەلقىنىڭ يېنىدادۇر» دېدى.

رۇسىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ۋاسسىلىي نېبېنزا بولسا، ئامېرىكىنىڭ ئىراندىكى نامايىشلارنى خەۋپسىزلىك كېشىنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كىلىشىنى تەنقىد قىلدى.

ئامېرىكىنى يالغان باھانىلەرنى ئويدۇرۇپ، ئىراننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋېلىش بىلەن ئەيىبلىگەن نېبېنزا، «بۈگۈن يەنە بىر قېتىم ئامېرىكىنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى سۇيىئىستېمال قىلغانلىقىغا شاھىت بولدۇق. كارىڭلار بولمىسۇن! ئىران ئۆزىنىڭ مەسلىسىگە ئۆزى كۆڭۈل بولسۇن. ئافغانىستان، سۈرىيە، لىۋىيە، يەمەن، شىمالىي كورېيە ۋە ئافرىقىدىكى مەسىللەرگە مەركەزلەشمەك ئۇياقتا تۇرسۇن، خەۋپسىزلىك كىڭېشىنىڭ ئېنېرگىيەسىنى بېكارغا ئىسراپ قىلىۋاتىسلەر» دېدى. 

فىرانسىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى فىرانچوس دېلاترە ئىراندىكى نامايىشلارنىڭ خەلقئارانىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت بولمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىرانغا قارىتىلغان ھەرقانداق مۇداخىلىنىڭ تەتۈر نەتىجە بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولدى.

ئەنگلىيەنىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋەكىلى ماتۋېن رايكروفتمۇ نامايىش جەريانىدا يۈز بەرگەن ئادەم ئۆلۈش ۋەقەلىرىنى ئىما قىلغان ھالدا، زورۋانلىقلارنىڭ ئاخىرىلىشىشى ئۈچۈن چاقىرىقتا بولدى.

ئىراندا ئۆلۈم جازالىرىنىڭ داۋاملىشىشى شۇنداقلا پىكىر ۋە دىن ئەركىنلىكىگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنىڭ ئىنتايىن خەۋپلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ئىران باياشاتلىققا ۋە مۇقىملىققا ئىگە بولسا، رايوندىكى ۋە سىرتىكى ھەممەيلەنگە پايدىلىق بولىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر