ئامېرىكا پاكسىتانغا قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي ياردىمىنى ئۈزۈپ تاشلىدى

ئامېرىكا پاكىستانغا بېرىلىدىغان ئىقتىسادىي ياردەمنى توختىتىپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

882090
ئامېرىكا پاكسىتانغا قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي ياردىمىنى ئۈزۈپ تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پاكىستانغا بىخەتەرلىك ساھەدە قىلىپ كېلىۋاتقان ياردىمىنى توختىتىپ قويدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېتېر ناۋۇرت (Heather Nauert) كۈندىلىك ۋاقىپلاندۇرۇش يىغىنىدا ئامېرىكا بىلەن پاكىستان ئارىسىدىكى سوغۇقچىلىق توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «پاكىستان تالىبان ۋە ھەققانىغا ئوخشاش گۇرۇھلارغا ھەققىي يوسۇندا قارشى چىقمىغۇچە ياردەم بېرىلمەيدۇ.»

باياناتچى ناۋۇرت پاكىستانغا بېرىلىۋاتقان ئىقتىسادىي ياردەمنىڭ قانچىلىك مىقداردا ئۈزۈپ تاشلىنىدىغانلىقى توغرۇلۇق توختالمىدى.

پاكىستاننىڭ تېررورچىلارغا «بىخەتەر رايون»بەرپا قىلىپ بەرمەسلىكى لازىملىقىنى ئەسكەرتكەن ناۋۇرت سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «پاكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تۋتتېر ئادرېسىدا پاكىستان توغرۇلۇق بايانات بېرىپ، ئىسلامئاباد ھۆكۈمىتىنى تېررورچىلارغا قۇچاق ئېچىش بىلەن ئەيىبلىگەندىن سىرت، پاكىستانغا بېرىلىدىغان 255 مىليون دوللار ياردەم پۇلىنىڭ بېرىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خوجا مۇھەممەد ئاسىف ترامپنىڭ باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ تامامەن ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر