ئۇكرائىنا پۇقرالىق ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغان پىرېزىدېنت سائاكاشۋىلىنىڭ ئېتىرازىنى رەت قىلدى

ئۇكرائىنا پۇقرالىقىدىن چىقىرىۋېتىلگەن گىرۇزىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ۋە ئودېسسا سابىق ۋالىيسى مىخائىل سائاكاشۋىلىنىڭ ئۇكرائىناغا سۇنغان پاناھلىق ئىلتىماسى سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن رەت قىلىندى.

881698
ئۇكرائىنا پۇقرالىق ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغان پىرېزىدېنت سائاكاشۋىلىنىڭ ئېتىرازىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىيېۋ مەمۇرىي ئىشلار سوت مەھكىمىسى، ئۇكرائىنا كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ سائاكاشۋىلىنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلمىغانلىقىغا بىلدۈرگەن ئېتىرازىغا قاراپ چىقىپ، ئېتىرازنى رەت قىلدى.

سائاكاشۋىلىنىڭ ئادۋوكاتى رۇسلان چېرنولۇتىسكىي سوت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، بۇ قارارغا ئېتىراز بىلدۈرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

قانۇنىي جەھەتتىن دېلو داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، سائاكاشۋىلىنىڭ ئۇكرائىنا تەۋەلىكىدە تۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن چېرنولۇتىسكى، ھازىرقى ئەھۋالدا ئۇنى گىرۇزىيەگە قايتۇرۇۋېتىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇكرائىنا كۆچمەنلەر ئىدارىسى، 1 – نويابىردا ئۇكرائىنا پۇقرالىقىدىن چىقىرىۋېتىلگەن سائاكاشۋىلىنىڭ ئۇكرائىنا تەۋەلىكىدە مۇساپىر سالاھىيىتىدە تۇرۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ماتېرىياللارنى بېرىشنى رەت قىلغانىدى.

گىرۇزىيە باش تەپتىش مەھكىمىسى، ئۇكرائىنادىن ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان سائاكاشۋىلىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىپ قايتۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.

2015 – يىلى 4 – دېكابىردا گىرۇزىيە پۇقرالىقىدىن چىقىرىۋېتىلگەن سائاكاشۋىلى، 2013 – يىلىدىن بۇيان دۆلىتىگە قايتالمايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر