فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە ۋە ئەرەبىستاننىڭ ئىران پوزىتسىيەسىنى تەنقىد قىلدى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئىسرائىلىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىران توغرىسىدا ئۇرۇشقا سەۋەب بولغۇدەك رەسمىي باياناتلارنى ئېلان قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

881688
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە ۋە ئەرەبىستاننىڭ ئىران پوزىتسىيەسىنى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېمانۇئېل ماكرون، يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىيسې سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن ژۇرنالىستلار بىلەن ئۇچرىشىش پائالىيىتىدە سۆز قىلدى ۋە مۇخبىرلارنىڭ ئىراندىكى نامايىشلارغا ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ماكرون، ئىران بىلەن دىيالوگنى توختىتىپ قويماسلىقنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى ۋە تېھرانغا قىلىنىۋاتقان خەلقئارا بېسىمنى كۈچەيتىش، ئەمما ئىران بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزۈپ تاشلىماسلىقنىڭ زۆرۈرلۈكىنى قەيت قىلغان ھالدا «كۆپ جەھەتتىن ئىتتىپاقدىشىمىز بولغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئىسرائىلىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىراندا بىزنى ئۇرۇشقا ئېلىپ بارغىدەك دەرىجىدىكى رەسمىي باياناتلارنى بەرگەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز» دېدى.

ئېمانۇئېل ماكرون بۇنداق ئەھۋالدا مۇۋازىنەتنى ساقلاپ قېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىراننىڭ ھەرىكەتلىرىگە چەكلىمە قويۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ماكرون، ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر ئۈزۈلگەن تەقدىردە، شىددەتلىك توقۇنۇشلارنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

ئىراندىكى ۋەقەلەر، 2017 – يىلى 28 – دېكابىردا  مەشھەدتە بىر گۇرۇپپا نامايىشچىنىڭ ئىراندىكى قىممەتچىلىك، ئىشسىزلىق، چىرىكلىك دېگەندەك مەسىلىلەرگە نارازىلىق بىلدۈرۈشى بىلەن باشلانغانىدى. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلارغا ئايلىنىپ كەتكەن نارازىلىقلار، تېھران، كىرمانشاھ، سەنەندەچ، زەنجان، شىراز، قۇم، ئاھۋاز، زاھىدان، ئەراك، ھۇررەم ئابادى قاتارلىق كۆپلىگەن شەھەرگە كېڭىيىپ كەتكەنىدى. ئىران مىقياسىدىكى ۋەقەلەردە ھازىرغىچە كەم دېگەندە 24 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، مىڭدىن ئارتۇق نامايىشچىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

ئىران ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى قوماندانى مۇھەممەد ئەلى جەئفەرى تۈنۈگۈن ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلىدا سۆز قىلىپ، دۆلىتىدە يېقىنقى كۈنلەردە يۈز بەرگەن ھاكىمىيەتكە قارشى نامايىشلارنىڭ ئاخىرلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر