يەمەندىكى بەزى رايونلار بومباردىمان قىلىنىپ 68 ئادەم ئۆلدى

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرىغا تەۋە كۈرەشچى ئايروپىلانلار يەمەندىكى بىر قىسىم رايونلارنى بومباردىمان قىلدى.

877659
يەمەندىكى بەزى رايونلار بومباردىمان قىلىنىپ 68 ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرىغا تەۋە كۈرەشچى ئايروپىلانلار يەمەندىكى بەزى رايونلارنى بومباردىمان قىلىپ 68 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇ قېتىمقى بومباردىماندا ئۆلگەن 14 كىشىنىڭ بىر ئائىلىدىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يەمەندە ھاكىمىيەتنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان شىئە ھۇسىي كۈچلىرى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرى ئۈچ يىلدىن بۇيان ئۆز-ئارا توقۇنۇشماقتا.

ئىچكى ئۇرۇشتىن ئىلگىرى نامرات دۆلەتلەر تىزىملىكى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان يەمەننىڭ ۋەزىيىتى كۈندىن-كۈنگە كەسكىنلەشمەكتە.

يەمەندىكى ئىچكى ئۇرۇشتا 10مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى، مىليونلارچە ئادەم يۇرت-ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى.

يەمەندە خولېراغا ئوخشاش يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تېزلا يامراپ كېتىپ، 900 مىڭ كىشىگە تەسىر كۆرسەتتى.

7 مىليون ئادەم ئاچارچىلىق گىردابىدا ياشاۋاتقان يەمەندە، مۇھاسىرە سەۋەبلىك تەخمىنەن 21 مىليون كىشى ياردەمگە مۇھتاج ھالەتتە تۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر