سۈرىيەدە ئىككى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تىل بىرىكتۈرگەنلىكى ئاشكارىلاندى

سۈرىيەدە دائېش تېررورچىلىرى بىلەن پ ي د تېررورچىلىرىنىڭ تىل بىرىكتۈرگەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ۋېدىئو تارقالدى.

877760
سۈرىيەدە ئىككى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تىل بىرىكتۈرگەنلىكى ئاشكارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د –ي پ گ نىڭ دائېش تېررورچىلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرگەنلىكلىرىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان بېرىدىغان ۋېدىئو تارقالدى.

دائېش تېررورچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرىنىڭ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملار بىلەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى چوماقچىسى پ ي د –ي پ گ نىڭ ياردىمى ئاستىدا  راققەدىن بىخەتەر ھالدا تارقاقلاشتۇرۇلۇشى كۆرۈنۈشكە ئېلىنغان ۋېدىئو تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىندى.

ۋېدىئودا دائېش تېررورچىلىرىنى ئېلىپ ماڭغان ئاپتوموبىللارنىڭ راققەدىن قانداق چىققانلىقى كۆرسىتىلىدۇ.

بۇ يىل نويابىرنىڭ ئاخىرىدا يانفون بىلەن ئېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن كۆرۈنۈشلەردە پ ي د لىق تېررورچى مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ۋېدىئونى بىز تارتتۇق، ھېلىھەم قولىمىزدا، ئۇلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، دائېشچىلار راققەدىن ئايرىلىۋاتقاندا مەن ئەتراپتا ئىدىم، نۇرغۇن دائېش بار ئىدى، بىز قورقمىدۇق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر