يەمەندە ھۇسىيلارنىڭ ھەربىي نۇقتىلىرى بومباردىمان قىلىندى

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىم ئايروپىلانلىرىنىڭ يەمەن چېگراسىغا جايلاشقان ئەل جەۋفتىكى ھۇسىيلارنىڭ نۇقتىسىنى بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە، ئونلارچە قوراللىق ھۇسىيلارنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

876663
يەمەندە ھۇسىيلارنىڭ ھەربىي نۇقتىلىرى بومباردىمان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەن ئارمىيەسىنىڭ «26 September Net» ئىنتېرنېت تورىدا ئېلان قىلغان بىر خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بىرلەشمە قىسىم ئايروپىلانلىرى ئەل جەۋفتىكى ھۇسىيلارنىڭ نۇقتىلىرىنى بومباردىمان قىلغان.

بىرىنچى قېتىمدا ھۇسىيلارنىڭ كاتتىباشلىرىدىن ئابدۇلكەرىم ئەل ھۇسىيغا قاراشلىق بىر تەلىم-تەربىيە لاگېرىنىڭ بومباردىمان قىلىنىشى نەتىجىسىدە، ئونلارچە ھۇسىي قوراللىقلىرىنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە يارىلانغانلىقى؛ ئىككىنچى قېتىمدا، ئەلمۇتۇن ناھىيەسىدىكى مۇھىم بىر نۇقتىدا ھۇسىيلارنىڭ قورال-ياراغ ئىسكىلاتىنىڭ بومباردىمان قىلىنىپ، ۋەيران قىلىنغانلىقى ۋە بۇ بومباردىماندىمۇ ئۆلگەن ھەمدە يارىدار بولغان قوراللىق ھۇسىيلارنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

بىرلەشمە قىسىم ھازىرچە مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك رەسمىي بايانات ئېلان قىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر