ئامېرىكا شىمالىي كورېيەنىڭ مەمۇرىي خادىملىرىنى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قورال سىناقلىرىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىككى نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي خادىمنى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

876461
ئامېرىكا شىمالىي كورېيەنىڭ مەمۇرىي خادىملىرىنى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ چەت ئەللىكلەرنىڭ مال-مۈلكىنى تەكشۈرۈش ئىشخانىسى شىمالىي كورېيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىككى مەمۇرىي خادىمىنىڭ ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، شىمالىي كورېيە ھەربىي سانائەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى كىم جوڭسىك بىلەن شىمالىي كورېيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى رى پىيوڭچولنىڭ ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پائالىيەتلىرىدە مۇھىم رول ئوينىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ئىككى مەمۇرىي خادىمنىڭ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن 22-دېكابىر ئېلان قىلىنغان ئېمبارگو تىزىملىكىدە بارلىقى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 20-نويابىر شىمالىي كورېيەنى «تېررورلۇقنى قوللىغان دۆلەت» دېگەن ئىدى.

مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ چەت ئەللىكلەرنىڭ مال-مۈلكىنى تەكشۈرۈش ئىشخانىسى ترامپنىڭ بۇ باياناتىدىن كېيىن، 21-نويابىر شىمالىي كورېيەنىڭ سودىسىنى چەكلەش ئۈچۈن بىر شەخس، 13 شىركەت ۋە 20 پاراخوتنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن ئىدى.

شىمالىي كورېيە ئامېرىكانىڭ «تېررورلۇقنى قوللىغان دۆلەتلەر» تىزىملىكىدە، ئىران، سۇدان ۋە سۈرىيەدىن قالسىلا تۆتىنچى رەتتە تۇرىدۇ. قارا تىزىملىككە ئىككىنچى قېتىم كىرگۈزۈلگەن شىمالىي كورېيە، 2008-يىلى جورج بۇش چىقىرىۋېتىشتىن بۇرۇن 20 يىل تىزىملىكتە قالغان ئىدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر