سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇنجى قېتىم بىر تۈركۈم تۇتقۇنلار قويۇپ بېرىلدى

سەئۇدى ئەرەبىستاندا چىرىكلىك قىلمىشلىرى تەكشۈرۈشى دائىرىسىدە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلاردىن تۇنجى قېتىم بىر تۈركۈم كىشىلەر قويۇپ بېرىلدى.

876593
سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇنجى قېتىم بىر تۈركۈم تۇتقۇنلار قويۇپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلمان تەرىپىدىن چىرىكلىككە قارشى كۈرەش دائىرىسىدە نازارەت ئاستىغا ئالدۇرۇلغان 200 ئەتراپىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك زاتلاردىن 23 ى ھۆكۈمەت بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلدى. ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە باشقا تۇتقۇنلارنىڭمۇ قويۇپ بېرىلىشى كۈتۈلمەكتە.

سەئۇدى ئەرەبىستان تاراتقۇلىرى، ھۆكۈمەت بىلەن ماسلاشقان 23 كىشىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ماسلاشقۇچىلارنىڭ قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى، ئەمما ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرغۇچىلارنىڭ سوتلىنىدىغانلىقىنى يازدى.

پايتەخت رىيادتىكى رىتز-كارلتون مېھمانخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان، ھەتتا قىيىن – قىستاققا ئېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا دۇنيانىڭ ئەڭ باي كىشىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان شاھزادە ۋەلىيد بىن تالال قاتارلىق 11 شاھزادە، 4 مىنىستىر، كۆپ ساندا سابىق مىنىستىر ۋە باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك زاتلار بار.

نويابىر ئېيىدىكى نازارەت ئاستىغا ئېلىش دولقۇنىدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق تۈركۈملەپ قويۇپ بېرىش ۋەقەسىنى خەۋەر قىلغان «ئۇكاز گېزىتى»، بۇلارنىڭ مال – مۈلۈك ۋە نەق پۇللىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىش بەدىلىگە ئەركىنلىككە ئېرىشكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ ۋال سىترىيت جورنال گېزىتى، نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشتىن ئىلگىرى 30 مىليارد دوللار ئەتراپىدا بايلىقى بولغان، بىراق نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشىدىن كېيىن بايلىقى سۈرئەت بىلەن ئېرىپ كەتكەن شاھزادە ۋەلىيد بىن تالالدىن ھۆكۈمەتنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىش بەدىلىگە 6 مىليارد دوللار تەلەپ قىلغانلىقىنى يازغانىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تىزگىنىنى قولىغا ئالغان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ بۇ كېلىشىملەرگە پۇرسەتپەرەستلىك ئەمەس، ۋەزىپە دەپ قارايدىغانلىقى، ھۆكۈمەتتىن ئوغرىلانغان پۇللارنى قايتۇرۇپ ئېلىشنىڭ بىردىنبىر يولى، دەپ بىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

نويابىردا سەئۇدى ئەرەبىستان باش تەپتىش مەھكىمىسى، ئۇزۇن مۇددەتلىك چىرىكلىك قىلمىشلىرىنىڭ دۆلەتكە يەتكۈزگەن ئىقتىسادىي زىيىنىنىڭ 100 مىليارد دوللار، دەپ ھېسابلىغانلىقى ئېلان قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر