نىگېرىيەدە بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى
غەربىي ئافرىقا دۆلىتى نىگېرىيەدە بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 10 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.
876603
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان كادۇنا ئۆلكىسىگە قاراشلىق دېھقانلار ياشايدىغان بىر يېزىدا مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇمدا 10 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، كۆپ ساندا ئادەم يارىلاندى.
رايون پارلامېنت ئەزاسى شېخۇ نىكولاس گاربا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۆتكەن جۈمە كۈنىدىن بۇيان كادۇنانىڭ نىندېم ۋە ئۇڭۋان مائىلافىيا يېزىلىرىدا مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇملاردا جەمئىي 20 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئۇ، ئالاقىدار تارماقلار ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى باشلىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
فىلىپپىن بىخەتەرلىك قىسىملىرى دائېشقا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى
فىلىپپىن بىخەتەرلىك قىسىملىرى دائېش بىلەن چېتىشلىقى بار 12 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.