دومىنىكادا ساختا ھاراق بىلەن ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ جىنازىسىدا، يەنە ساختا ھاراق سۇنۇلدى

جىنازە مۇراسىمىدا قاتناشقۇچىلارمۇ ساختا ھاراق ئىچىپ، نۇرغۇن كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

876953
دومىنىكادا ساختا ھاراق بىلەن ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ جىنازىسىدا، يەنە ساختا ھاراق سۇنۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىدە ساختا ھاراق ئېچىپ ئۆلگەن كىشىنىڭ جىنازە مۇراسىمىدا، قاتناشقۇچىلارغا يەنە ئوخشاش ساختا ھاراق بىلەن زىياپەت بېرىلدى.

ئالاقىدار مەسئۇللار ھايتى چېگراسىغا يېقىن رايوندا ئۆيدە ياسىۋېلىنغان ۋە مېتىل ئىسپىرت قۇشۇلغان ھاراقنىڭ تۈنجى قېتىم ئالدىنقى ھەپتە كىشىلەرنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بۇ ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ جىنازە مۇراسىمىدا، قاتناشقۇچىلارغا سۇنۇلغان ھاراقنىڭمۇ ساختا ئىكەنلىكى ۋە كېيىن يەنە باشقا كىشىلەرنىڭ ئۆلۈمىگىمۇ سەۋەب بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئالاقىدار مەسئۇللار شۇنداق قىلىپ جەمئىي 12 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە 21 كىشىنىڭ بالنېستقا ئېلىنغانلىقىنى جاكارلىدى.

سەھىيە مىنىستىرى ئالتاگراكا گۇزمان ئامانلىقنى ساقلاش دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ھايتىدە كەڭ كۆلەمدە شىكەر قۇمۇچىدىن ساختە ھاراقلار ياسىلىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر