بىرازىلىيە بىلەن ۋېنېزۇئېلا ئارىسىدا دىپلوماتىك سۈركىلىش يۈز بەردى
بىرازىلىيە ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمەتلىرى بىر-بىرىلىرىنىڭ دىپلوماتلىرى خالانمىغان شەخس ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرازىلىيە كاراكاس ئەلچىسى رۇي پېرېيرانى چېگرادىن قوغلاپ چىقارغان ۋېنېزۇئېلانىڭ بىراسىلىيا شەھىرىدىكى دىپلوماتىنى «خالانمىغان شەخس»ئېلان قىلدى.
بىرازىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ۋېنېزۇئېلا دىپلوماتى گېراردو ئانتونيو دېلگادو مالدونادونىڭ «خالانمىغان شەخس»ئېلان قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى بىرازىلىيەنىڭ كاراكاس ئەلچىسى پېرېيرا بىلەن كانادانىڭ دىلپومات خادىمى كارايگ كوۋالىكنى ۋېنېزۇئېلانىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش بىلەن ئەيىبلەپ «خالانمىغان شەخس»ئېلان قىلدى.
كانادا ۋېنېزۇئېلاغا دىپلوماتىك ئۇسلۇبتا دەرھال جاۋاب قايتۇرۇپ ۋېنېزۇئېلانىڭ ئوتتوۋا ئەلچىسى ۋىلمېر ئومار باررىېينتوس پېرناندېز ۋە دىپلومات ئانگېلا ھېررېرانى «خالانمىغان شەخس»ئېلان قىلدى.