تۇنىس ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىكىدىن ئۆزرە كۈتۈۋاتىدۇ

تۇنىس تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھامىس ئەل-جىھىناۋى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىكىدىن ئۆزرە كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

875654
تۇنىس ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىكىدىن ئۆزرە كۈتۈۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇنىس تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھامىس ئەل-جىھىناۋى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ تۇنىسلىق ئاياللارغا ۋىزا بەرمەسلىكنى قارار قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇ دۆلەتنىڭ تۇنىس دائىرىلىرىدىن كەچۈرۈم سورىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.

جىھىناۋى مەلۇم بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ تۇنىسلىق ئاياللارغا ۋىزا بەرمەسلىك قارارى بىلەن تۇنىسنىڭ «ئىمارەت ھاۋا يوللىرى <ئاۋىئاتسىيە>شىركىتى>گە تەۋە بارلىق ئايروپىلان سەپەرلىرىنى توختىتىۋېتىشى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېدى: « ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مەسئۇللىرى بىز بىلەن كۆرۈشۈپ كەچۈرۈم سوراشتى، بىراق بىزدىن رەسمىي  ھالدا كەچۈرۈم  سورىشى كېرەك، تۇنىس خەلقىمۇ بۇنى كۈتۈۋاتىدۇ.»

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ بۇ قارارنى چىقىرىشتىن ئىلگىرى پىرىنسىپ جەھەتتىن تۇنىس دائىرىلىرىنى ۋاقىپلاندۇرۇپ قويۇشى لازىملىقىنى ئېيتقان جىھىناۋى مۇنداق دېدى: «ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ يولۇچىلارغا ئايرىمچىلىق قىلىشى قانۇنغا توغرا كەلمەيدۇ.»

تۇنىستا جۈمە كۈنى يەرلىك تاراتقۇلاردا چىققان خەۋەرلەردە «ئىمارەت ھاۋا يوللىرى شىركىتى»نىڭ سەپەر قىلماقچى بولغان تۇنىسلىق ئاياللارنىڭ ئايروپىلانغا چىقىشىغا رۇخسەت قىلمىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئارقىدىنلا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە تەۋە ھاۋا يوللىرى شىركىتى (ئاۋىئاتسىيە) بايانات بېرىپ تۇنىسلىق ئايال يولۇچىلارغا ۋىزا بېرىشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

تۇنىس رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى تاپ، تۇنىستىكى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەلچىسى سالىم ئىسا ئەل-قاتتام زەئابىنىڭ جۈمە كۈنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۇنىس تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا ئەلچىنىڭ مۇنۇ سۆزلىرىگە ئورۇن ئاجرىتىلدى:«چەكلىمە ۋاقىتلىق بولۇپ، بىخەتەرلىك خىزمەتلىرى سەۋەبىدىن مۇشۇنداق بولدى.»

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى ئەنۋەر قاراقاشمۇ تۇنىسلىق ئاياللارنىڭ دۇبەي ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئايروپىلانلىرىغا چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنماسلىقىنىڭ «بىخەتەرلىك ئىستىخباراتى»سەۋەبىدىن بولغانلىقىنى ئېيتتى.

تۇنىس قاتناش مىنىستىرلىقى بۇ چەكلمىدىن كېيىنلا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە تەۋە ئىمارەت ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ تۇنىسقا قاتنايدىغان بارلىق ئايروپىلان سەپەرلىرىنى توختىتىۋەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر