پاكىستان - ھىندىستان چېگراسىدا تۇقۇنۇش يۈز بەردى

تۇفۇنۇشتا ، 3 نەپەر پاكىستان ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، بىر ئەسكەر يارىدار بولدى.

875793
پاكىستان - ھىندىستان چېگراسىدا تۇقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيەئاۋازىرادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان ئەسكەرلىرىنىڭ پاكىستان بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى كەشمىر چېگراسىغا ئوق ئىچىشى نەتىجىسىدە، 3 نەپەر پاكىستان ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

پاكىستان ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ھىندىستان ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، پاكىستاننىڭ كونتروللۇقىدىكى ئازاد كەشمىرنىڭ رۇخ چاكرى رايونىغا ئوق ئاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھىندىستان ئەسكەرلىرىنىڭ ئوقى تېگىپ، 3 نەپەر پاكىستان ئەسكىرىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە بىر ئەسكەرنىڭ يارىدار بولغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا پاكىستان ئارمىيەسىنىڭمۇ ھىندىستانغا ئوق ئېتىپ ئوخشاش دەرىجىدە جاۋاپ قايتۇرغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر