خىتاي يوگەن-30 تىپلىق سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بەردى

خىتاي يىراقتىن پەرقلەندۈرۈش ئالاھىدىلىكى بولغان يوگەن-30 تىپلىق سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بەردى.

875713
خىتاي يوگەن-30 تىپلىق سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي يىراقتىن پەرقلەندۈرۈش ئالاھىدىلىكى بولغان سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بەردى.

يوگەن-30 تىپلىق سۈنئىي ھەمراھ سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ شىچاڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدىن ئۇزۇن يۈرۈش-2 توشۇغۇچى راكېتا ئارقىلىق قويۇپ بېرىلدى.

سۈنئىي ھەھراھنىڭ ئالدىن بېكىتىلگەن ئوربېتىلارغا كىرىپ بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، يىراقتىن پەرقلەندۈرۈش ئالاھىدىلىكى بولغان يوگەن سۈنئىي ھەمراھلىرى ئېلېكتىرماگېنتلىق چارىلاش ئېلىپ بېرىپ بەزى سىناقلارنى ئېلىپ بارىدىكەن.

راكېتانىڭ قانچىلىك سۈنئىي ھەمراھ توشىغانلىقى توغرۇلۇق مەلۇمات بېرىلمىدى.

خىتاي يوگەن سۈنئىي ھەمراھلىرىدىن تەبىئىي بايلىقلارنى تەكشۈرۈش، ئىلمىي خىزمەتلەر، تەبىئىي ئاپەتلەردىن ساقلىنىش ۋە يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تەخمىن قىلىش قاتارلىق ئىشلاردا پايدىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يوگەن-30 تىپلىق سۈنئىي ھەمراھلارنىڭ خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئۇزۇن يۈرۈش ناملىق راكېتا ئارقىلىق  260قېتىم قويۇپ بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر