جەنۇبىي كورېيە مۇھىم بىر لايىھەنى بىكار قىلۋەتتى

جەنۇبىي كورېيە دائىرىلىرى مەلۇم بىر يەرلىك شىركەت لايىھەلىگەن رادار ستىستېمىسىنى بىكار قىلىۋەتتى.

876089
جەنۇبىي كورېيە مۇھىم بىر لايىھەنى بىكار قىلۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە دائىرىلىرى مەلۇم بىر يەرلىك شىركەت تەرىپىدىن لايىھەلەنگەن ئۇزۇن مۇساپىلىق رادار سىستېمىسى لايىھەسىنى بىكار قىلىۋەتتى.

جەنۇبىي كورېيە مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، داپا ئىسىملىك يەرلىك شىركەت بىلەن كونا رادارلارنىڭ ئورنىغا يېڭى رادارلار بەرپا قىلىش ئۈچۈن تۈزگەن كېلىشىمنى بىكار قىلىۋەتتى.

شىركەت تەرىپىدىن لايىھەلەنگەن رادارنىڭ 2014-يىلدىكى سىناقتىن ئۆتەلمىگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، بۇ يېڭى سىستېمىدا نۇرغۇن رادار بارلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، كېلىشىم ماددىلىرىغىمۇ زىت ئىشلارنىڭ سادىر قىلىنىشى سەۋەبىدىن، لايىھەنىڭ بىكار قىلىنىپ قايتىدىن تۈزۈپ چىقىش قارار قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر