ئامېرىكا قوللىغان پ ي د تەشكىلاتىنى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش تەلەپ قىلىندى

سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەرب د ت دىن ئامېرىكا قوللىغان پ ي د تەشكىلاتىنى خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلدى.

875251
ئامېرىكا قوللىغان پ ي د تەشكىلاتىنى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش تەلەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى سىتاففان دې مىستۇراغا دوكلات تەقدىم قىلىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د –پ  ك ك نىڭ ب د ت نىڭ خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى.

سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن ئۆكتىچى ھەيئەت، قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا جۈمە كۈنى ئاخىرلاشقان 8-نۆۋەتلىك سۈرىيە يىغىنىدا ب د ت سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى مىستۇرا بىلەن كۆرۈشتى.

ھەربىي ئۆكتىچىلەر ھەيئىتىنىڭ مىستۇراغا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د – پ ك ك نى ب د ت نىڭ خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشى مەزمۇن قىلىنغان دوكلات تەقدىم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەلقئارا تېررورىزىم ئۇقۇمى ئىزاھلانغان دوكلاتتا مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجرىتىلدى:«بۇ تەبىر ۋە پ ي د نىڭ قىلمىشلىرىغا ئاساسلانغاندا پ ي  د تېررورلۇق تەشكىلاتىدۇر ۋە خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزلۈشى كېرەك. شۇنداقلا پ ي د  بىلەن خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن پ ك ك ئارىسىدا چوڭقۇر مۇناسىۋەت بار. پ ي د نىڭ كاتتىباشلىرى بىلەن قوللىغۇچىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى پ ك ك نىڭمۇ ئەزاسىدۇر.»

ئۆكتىچىلەر تەقدىم قىلغان دوكلاتتا پ ي د – پ ك ك نىڭ سادىر قىلغان قىلمىشلىرى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»دەپ تەرىپلىنىپ، بۇ تەشكىلات سادىر قىلغان جىنايەتلەرنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكى ۋە ئۇرۇش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.

دوكلاتتا تەشكىلاتنىڭ خەلقنىڭ ئىنسان ھەق-ھوقۇقلىرى ۋە ئەركىنلىكلىرىنى دەپسەندە قىلغانلىقلىرى بىلدۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: «پ ي د نىڭ بالىلارنى مەجبۇرىي سېپىغا قوشۇشىمۇ 1989-يىلدىكى خەلقئارا بالىلارھەقلىرىگە خىلاپتۇر.»

تەشكىلاتنىڭ قولىدىكى ئەسىرلەرگە قىلغان قىيىن-قىستاقلىرىنىڭمۇ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن دوكلاتتا، تەشكىلات سادىر قىلغان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرىغا تەپسىلىي ئورۇن ئاجرىتىلدى.

سۈرىيەدە 2011-يىلى باشلانغان ئىسيان ۋە نامايىشلارغا كۈرتلەرنىڭمۇ قاتناشقانلىقى ئەسلىتىپ ئۆتۈلگەن دوكلاتتا، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د-پ ك ك نىڭ ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى چىققان كۈرت كاتتىباشلار بىلەن كۈرت ئۆكتىچى ئىنقىلابچىلارنىمۇ تازىلىغانلىقى قەيت قىلىندى.

پ ي د- پ ك ك نىڭ 2012-يىلى ھاكىمىيەت ئارمىيەسىدىن ئايرىلىپ ھاكىمىيەتكە قارشى ئۇرۇش قىلغان ئۆكتىچىلەر سېپىدىكى كۈرت قوماندان ۋە ئوفېستىرلارغا سۇيىقەست قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دوكلاتتا پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 1980-يىللاردىكى نوپۇزى ۋە  تەسىر دائىرىسىمۇ تىلغا ئېلىندى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د-پ ك ك نىڭ ئۆكتىچى كۈرتلەرنى تازىلىشىدىن كېيىن رايوندىكى زېمىنلاردا ئەڭ چوڭ كۈچكە ئايلىنىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغانلىقى قەيت قىلىنغان دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: «2012-يىلى نويابىردا ئۆكتىچىلەر رەسۇل ئاين ناھىيەسىنى ئازاد قىلدى. سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ ھەربىي ۋە ماددىي ياردىمىگە ئېرىشكەن پ ي د، ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىگە قارشى ئۇرۇش قوزغىدى، 2013-يىلى ئىيۇلدا ناھىيەنى قولغا كىرگۈزدى.»

دوكلاتتا ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنى ئاشقۇن گۇرۇھلارنى قوللاش بىلەن ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان پ ي د-پ  ك ك نىڭ سۈرىيە ھاكىمىيىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ ئۆكتىچىلەرگە قارشى ئۇرۇش قوزغىغانلىقى قەيت قىلىندى.

دوكلاتتا ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ھاسەكەدىن چېكىنىپ چىقىپ  ۋىلايەتنى پ ي د-پ ك ك غا تاپشۇرۇپ بېرىشى ۋە سۈرىيە ھاكىمىيىتگە تەۋە خەۋپسىزلىك خادىملىرىنىڭ رايوندا قېلىپ ۋەزىپە ئۆتۈشىنىڭ تەشكىلات بىلەن سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ ھەمكارلىقىنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

پ ي د-پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى تارتىۋالغان رايونلارنىڭ ۋەزىيىتى توغرۇلۇقمۇ مەلۇمات بېرىلگەن دوكلاتتا، ئاھالىسى ئەرەب بولغانلارنىڭ ياتلارغا ئوخشاش مۇئامىلە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقى ۋە ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلىشىگە رۇخسەت بېرىلمىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

تەشكىلاتنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى رايونلاردا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»سادىر قىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن دوكلاتتا، پ ي د- پ ك ك ئەزالىرىنىڭ ھاسەكى ۋىلايىتىدىكى يېزىلاردا نۇرغۇن يەرلىكنى سەۋەبسىزلا قىرىپ تاشلىغانلىقلىرى توغرۇلۇقمۇ مەلۇمات بېرىلدى.

دوكلاتتا يەنە مۇنۇلار قەيت قىلىندى: «پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ي پ گ، كۈرت خەلقىگە قاتتىق بېسىم قىلماقتا، خەلققە ئېغىر سېلىقلارنى سالماقتا، شەھەرنىڭ كىرىش ئېغىزلىرىغا توساقلار قۇرماقتا، تەشكىلات كۈرت خەلقىگە ئىدىيەسىنى تاڭماقتا، ئىنسانلارغا قاتتىق قوللۇق قىلىپ زۇلۇم سالماقتا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر