يەمەندە ئاياللار ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

يەمەننىڭ شەرقىگە جايلاشقان مەرىب ناھىيەسىدە بىر تۈركۈم ئاياللار ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

874501
يەمەندە ئاياللار ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەننىڭ شەرقىگە جايلاشقان مەرىب ناھىيەسىدە بىر تۈركۈم ئاياللار ئامېرىكىنىڭ قۇددۇس  قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ  نامايىش ئۆتكۈزدى.

مەھرىب شەھىرىگە قاراشلىق ئەل-ۋادى ناھىيەسىدىكى بەدر ئەل-كۇبرا مەكىتىپىدە ئىشلەۋاتقان ئايال ئوقۇتقۇچىلار تەرىىپدىن تەشكىللەنگەن نامايىشقا قاتناشقان ئاياللار ئىسرائىلىيەگە قارشى شوئار توۋلاشتى.

نامايىشتا «قۇددۇسنىڭ ئەرەبلەر بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىدىكى ئورنى»توغرۇلۇق نۇتۇقلار سۆزلەندى.

نامايىشنى تەشكىللىگەنلەردىن دەلال ئەلى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەرەبلەر ئۆز ئىچىدە توقۇنۇشۇپ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنىڭ كويىدا يۈرۈۋاتقانلىقلىرىنى كۆرگەن ئىسرائىلىيە، قۇددۇسنى پايتەختى قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ.»

ئەرەب ۋە مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى ھۆكۈمدارلارنىڭ قۇددۇس توغرۇلۇق بېرىلگەن باياناتلارنى ئەيىبلەش ۋە قۇددۇسنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتىن باشقا ئەمەلىي ئىش  قىلمىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن دەلال ئەلى يەنە مۇنداق دېدى: «قۇددۇس ئەرەب ۋە مۇسۇلمانلارنىڭدۇر، شۇنداقلا پەلەستىنلىكلەرنىڭدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر