دۇنيا مىقىياسىدا ب د ت نىڭ قۇددۇس قارارى ھاياجان پەيدا قىلدى

دۇنيا مىقىياسىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ قۇددۇس قارارىغا قارشى ھالدا بەرگەن قارارى ھاياجان پەيدا قىلدى.

874504
دۇنيا مىقىياسىدا ب د ت نىڭ قۇددۇس قارارى ھاياجان پەيدا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىش قارارىنىڭ ئاۋازغا قويۇلۇپ رەت قىلىنىشى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھاياجان پەيدا قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا يۈزلەرچە ئادەم تىرامپنىڭ قۇددۇس قارارىنىڭ قانۇنىي كۈچى يوقلىقىنى مەزمۇن قىلغان ب د ت نىڭ قارارىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن يىغىلىش ئۆتكۈزدى.

يىغىلىشقا قاتناشقانلار «دۇنيامۇ قۇدۇدس بىلەن تەڭ غەلىبە ئېرىشتى»دېگەن مەزمۇندا شوئار توۋلاشتى.

ھىندىستاننىڭ ئۇتتار پىرادېش ئۆلكىسىگە يىغىلغان مىڭلارچە ئادەم ترامپقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

سېربىيەنىڭ پايتەختى بېلگرادتا قارا رەڭلىك كىيىم كىيىدىغان ئاياللار جەمئىيىتى پەلەستىن بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن يىغىلىش ئۆتكۈزدى.

بوسىنىيە-گېرتسېگوۋېنىڭ زېنىكا شەھىرىدىمۇ پەلەستىن ئۈچۈن يىغىلىش ئۆتكۈزۈلدى.

ئىتالىيەنىڭ پايتەختى رىمدا پەلەستىن ئۈچۈن مەخسۇس پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇلدى. سۇدان بىلەن ماراكەشتىمۇ ب د ت نىڭ قۇددۇس قارارى خۇشال كەيپىيات ياراتتى.

تۇنىستا پەلەستىننى قوللاش ئۈچۈن كوچىلارغا چىققانلار «قۇددۇس پەلەستىننىڭ ئەبەدىي پايتەختىدۇر، سىئونىستلەر چىقىپ كەتسۇن، پەلەستىنلىكلەرگە ئەركىنلىك»دېگەن مەزمۇندا خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ مېڭىشتى.

تايلاندنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان پاتانى رايونىدىمۇ پەلەستىننى قوللاش ئۈچۈن يىغىلىش ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىلىشتا تۈركىيە بايرىقىمۇ لەپىلدىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بولسا ھازىرچە سۈكۈتتە تۇرماقتا.

ئىسرائىلىيە ب د ت نىڭ تارمىقىدىكى مائارىپ، پەن ۋە مەدەنىيەت ئورگىنىدىن چېكىنىپ چىقىش ئارقىلىق ب د ت غا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەشكە تەييارلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر