رۇسىيە: پ ي د / پ ك ك سوچى يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنمايدۇ

رۇسىيە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د / پ ك ك نىڭ سوچىدا چاقىرىلىدىغان «مىللىي دىيالوگ يىغىنى» غا تەكلىپ قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

874302
رۇسىيە: پ ي د / پ ك ك سوچى يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ئالېكساندىر لاۋرېنتيېۋ سوچىدا چاقىرىلىدىغان «مىللىي دىيالوگ يىغىنى» غا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى بولغان ۋە ئامېرىكا ياردەم بېرىۋاتقان پ ي د / ي پ گ نىڭ قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

يىغىنغا قاتنىشىدىغانلار تىزىملىكىدە كۆپ ساندا كورد ئىشتىراكچىلىرىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتكەن لاۋرېنتيېۋ سۆزلىرىگە مۇنۇلارنى ئىلاۋە قىلغان: «ھەم كورد ۋەكىللەرنىڭ يۈەكسەك سەۋىيەدە ئىشتىراك قىلىشى ھەم تۈركىيەنىڭ ئېتىراز بىلدۈرمەسلىكى ئۈچۈن ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتۇق.»

ئۇ، تۈركىيە بىلەن ئىران قوشۇلمىغان تەقدىردە بەزى كورد ھەيئەتلەرنىڭ تىزىملىكتىن چىقىرىلىپ چىقىرىلمايدىغانلىقىغا ئالاقىدار سوئالغا جاۋاب بەرگەندە: «بۇ مەسىلىنى ئارىمىزدا ھەل قىلىمىز دەپ ئويلايمەن» دېگەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تۈركىيە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د / پ ك ك نىڭ ياكى گۇماشتىلىرىنىڭ سوچىدا چاقىرىلىدىغان «مىللىي دىيالوگ يىغىنى» غا قاتنىشىشىنى قوبۇل قىلمىغان. رۇسىيە ۋە ئىران ھەيئىتىلىرى بىلەن سوچى يىغىنى ئىشتىراكچىلىرى توغرۇلۇق سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈركىيە دائىرىلىرى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د / پ ك ك نىڭ يىغىنغا تەكلىپ قىلىنىشىغا قارشى چىققان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كاپالەتلىك قىلغۇچى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە سۈرىيە كورد مىللىي كېىشىنىڭ تېررورلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن چېتىشلىقى بولمىغانلىقى ئۈچۈن سوچى يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە بۇ ھەقتە ئاستانا يىغىنى ھارپىسىدا رۇسىيە بىلەن ئىرانغا مەلۇمات بەرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر