ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى گۇانتانامو بازىسىدا زىيارەتتە بولدى

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى جېيمس ماتتىس، كۇبانىڭ گۇانتانامو قولتۇقىدىكى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە بازىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

873590
ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى گۇانتانامو بازىسىدا زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ گۇانتانامودىكى ھەربىي بازىسىغا ئارىدىن 16 يىل ئۆتكەندىن كېيىن بارغان تۇنجى ئامېرىكىلىق مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان جېيمس ماتتىس، ئەسكەرلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ روژدېستۋو بايرىمىنى تەبرىكلىدى. ماتتىس، بازىدىكى مەھبۇسلار بار جايغا بارمىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالغاندىن بۇيان گۇانتانامودىن بىرمۇ مەھبۇس قويۇپ بېرىلمىدى. سابىق مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد راسمسفېلد، تۇنجى تۈركۈم مەھبۇسلار ئافغانىستاندىن مەزكۇر بازىرىغا يۆتكىلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، يەنى 2002 – يىلى يانۋار ئېيىدا گۇانتانامودا زىيارەتتە بولغانىدى.

گۇانتانامودىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسى، 2001 – يىلى 11 – سېنتەبىردە قوشماق بىنالار ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا گۇمانلىق، دەپ قارىغان تېررورچىلارنى تۇتۇپ تۇرۇش مەقسىتىدە قۇرۇلغانىدى. نۆۋەتتە گۇانتانامو بازىسىدا 41 مەھبۇس تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر