جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيە بىلەن ئالدىنقى شەرتسىز سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئىككى كورېيەنى بىرلەشتۈرۈش خىزمەتلىرىگە مەسئۇل مىنىستىرى چو ميوڭ-گيون، شىمالىي كورېيە بىلەن ئالدىنقى شەرتسىز سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

873566
جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيە بىلەن ئالدىنقى شەرتسىز سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يونخاپ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مىنىستىر چو ميوڭ-گيون، شىمالىي كورېيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەن تەقدىردە، ھەر ئىككى تەرەپكە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ئوچۇق – يورۇق ۋە ئالدىنقى شەرتسىز سۆزلىشىشنى؛ بۇ يولدا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى زىيانغا ئۇچرىغان مۇناسىۋەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تېخىمۇ كۈچلۈك ياردەمچى بولۇشنى خالايدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلغان.

بۇنىڭدىن باشقا، پىيوڭياڭ دائىرىلىرىنىڭ فېۋرال ئېيىدا جەنۇبىي كورېيەدە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان 2018 – يىللىق قىش پەسىللىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىغا ئىشتىراك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن مىنىستىر چو ميوڭ-گيون، كىم جوڭ-ئۇن دائىرىلىرىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى باشلاش نىيىتىنى ئىپادىلىشىنىڭمۇ ياخشى بىر پوزىتسىيە بولىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون 13 – دېكابىردا بايانات بېرىپ، شىمالىي كورېيە بىلەن «شىمالىي كورېيە بىلەن ئالدىنقى شەرتسىز سۆھبەتلىشىش» كە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر