ئىراقنىڭ سەلاھاددىن ۋىلايىتىدە دائېشقا ئېغىر زەربە بېرىلدى

ئىراق قوراللىق قىسىملىرىنىڭ سەلاھاددىن ۋىلايىتىدە باشلىغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ 20 نۇقتىسى بىتچىت قىلىندى.

872440
ئىراقنىڭ سەلاھاددىن ۋىلايىتىدە دائېشقا ئېغىر زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا تەۋە ئۇرۇش تاراتقۇلىرى تورىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا، سەلاھاددىن ۋىلايىتىنىڭ بەزى جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 20 نۇقتىسى، ئاپتوموبىل ۋە موتوسىكلىتلارنىڭ بىتچىت قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

قەيت قىلىنىشىچە، ھەربىي ھەرىكەتلەردە ئونلارچە پارتلىغۇچى ماددا، ھەر خىل قورال-ياراغ ۋە بەزى ھەربىي ئەسلىھەلەر قولغا چۈشۈرۈلگەن، 31 يېزا ئاختۇرۇلغان ۋە بۇ جەرياندا ئۈچ كىشىنىڭ جەسىتى بايقالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر