ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ ئىككى شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى رۇسىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئىككى شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى.

872136
ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ ئىككى شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدە مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغان رۇسىيەنىڭ ئىككى شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى.

ئېمبارگونىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن شىركەتلەرنىڭ نوۋاتور لايىھەلەش شىركىتى بىلەن تىتان-باررىكادى تەتقىقات ۋە ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «بۇ شىركەتلەر ئوتتۇرا ۋە قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى يوقىتىشقا مۇناسىۋەتلىك ئەھدىنامە دائىرىسىدە چەكلەنگەن كۇرۇز ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ئىشلەپچىقىرىدۇ.»

قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا  ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئۈسكۈنىلەر ئىشلىتىلگەن تەقدىردە بۇ مەھسۇلاتلار ئېكسپورت قىلىنالمايدۇ.  

رۇسىيەگە تەۋە بۇ ئىككى شىركەتنىڭ سودىلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە تەھدىت پەيدا قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر