پاكىستان ئامېرىكىغا نارازىلىق بىلدۈردى
پاكىستان ئامېرىكىنىڭ يېڭى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيەلىك پىلانىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان ئامېرىكىنىڭ يېڭى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىستىراتېگىيەسىگە نارازىلىق بىلدۈردى.
پاكىستان دائىرىلىرى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىستىراتېگىيەلىك پىلانىدا ئورۇن ئالغان «تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى پاكىستان زېمىنلىرىدا ھەرىكەت قىلماقتا»دېگەن مەزمۇندىكى جۈملىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ بايان ئېلان قىلدى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئامېرىكىنىڭ پاكىستان توغرۇلۇق ئىلگىرى سۈرگەن قارىشىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
بۇ خىلدىكى قاراشلارنىڭ پاكىستاننىڭ تېررورىزىمغا قارشى كۈرەش ۋە رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن كۆرسەتكەن زور تىرىشچانلىقىغا سەلبىي تەسىر ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «رايوندىكى رىئاللىقلارنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئىلگىرى سۈرۈلگەن بۇ ئاساسسىز قاراشلارنى قوبۇل قىلالمايمىز.»
باياناتتا پاكىستاننىڭ تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشلەردە ئالدىنقى سەپتە ئورۇن ئېلىپ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ئەل قائىدىگە ئوخشاش تەشكىلاتنىڭ رايونىدىكى نوپۇزىغا خاتىمە بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
پاكىستان ئارمىيەسى باياناتچىسى گېنېرال ئارىف غاپۇرمۇ يەرلىك تېلېۋىزىيە قانىلى گىئونىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «پاكىستان ئۆتمۈشتە تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشلەرنى ئېلىپ باردى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ كۈرەش قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.»
غاپۇر ئامېرىكىنىڭ پاكىستانغا تېررورىزىمغا قارىشى خىزمەتلەردە ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىز ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە ئەمەس تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشلەردە كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىمىزنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېھتىياجىمىز بار.»
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئامېرىكىنىڭ يېڭى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىستىراتېگىيەسى پىلانىدا پاكىستان ھۆكۈمىتى زېمىنلىرىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەشلەردە ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىلدى.
پاكىستان ئېغىر دەرىجىدە ئەيىبلەنگەن پىلاندا مۇنداق دېيىلدى: «تېررورچىلار بىلەن قوراللىق باندىتلارنى قوللىغان دۆلەت بىلەن بولغان ھەمكارلىق ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشمايدۇ.»
پاكسىتان دائىرىلىرىدىن قولىدىكى يادرو قوراللىرىنىڭ ئۆزىنىڭ تىزگىنى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش تەلەپ قىلىنغان پىلاندا پاكىستان بىلەن ھىندىستان ئارىسىدىكى ھەربىي ئىختىلاپلارنىڭ يادرو ئۇرۇشىغا ئايلىنىپ كېتىش ئېھتىمالىنىڭمۇ يوق ئەمەسلىكى تىلغا ئېلىندى.