ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بۈگۈنمۇ نۇرغۇن پەلەستىنلىكنى زەخمىلەندۈردى

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا 15 پەلەستىنلىكنى زەخمىلەندۈردى.

871088
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بۈگۈنمۇ نۇرغۇن پەلەستىنلىكنى زەخمىلەندۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان ئەرىھا شەھىرىدە  پەلەستىنلىكلەرگە قاتتىق قوللۇق قىلىپ 15 پەلەستىنلىكنى يارىلاندۇردى.

پەلەستىن قىزىل ئاي ساخاۋەت جەمئىيىتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئەرىھا شەھىرىدىكى ئەين سۇلتان مۇساپىرلار لاگېرىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە 15 پەلەستىنلىككە پىلاستىك ئوق تېگىپ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا 3 پەلەستىنلىكنىڭمۇ ياش ئاققۇزۇش بومبىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

شاھىتلار ۋەقەلەرنىڭ بىر تۈركۈم ئاشقۇن يەھۇدىنىڭ ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا ئەين سۇلتان رايونىدىكى قەدىمىي ئىبادەتخانىدا ئىبادەت قىلىش مەقسىتىدە رايونغا باستۇرۇپ كېلىشى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر