ئەردوغان ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرىزې مېي بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

871111
ئەردوغان ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېلېفون ئۇچرىشىشىدا، دۆلەت مۇداپىئەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ يەنىمۇ كۈچەيگەنلىكىنىڭ تولىمۇ خۇشاللنارلىق ئەھۋال ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلىش ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان سۈركىلىشنىڭ تولىمۇ خەۋپلىك ئەھۋال ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن ئۇچرىشىشتا، ئەردوغان بىلەن مېي تىنچلىق مۇساپىسى ئۈچۈن ئىككى دۆلەتلىك تۈزۈمنىڭ ئەڭ ئاقىلانە يول ئىكەنلىكىنىڭ ئىسرائىلىيە تەرىپىدىنمۇ بىلىنىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەندى.

ۋاشىنگتوننىڭ قۇددۇس قارارىغا قارشى ھازىرلانغان لايىھەنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى ئاۋازغا قويۇشتا ئامېرىكا تەرەپنىڭ ۋېتو قىلىشى توغرىلىقمۇ  مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشتا، ئىككى رەھبەر ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى تىنچلىق مۇساپىسىنى خەپكە دۇچار قىلىدىغان يېڭى سۈركىلىشلەردىن يىراق تۇرۇش ۋە كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرتىسىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەشتى.

ئۇچرىشىشتا يەنە، تۈركىيە – ئەنگلىيە مۇناسىۋەتلىرىنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش مەسىلىسىدىمۇ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر