كورېيە يېرىم ئارىلىدا ئۇرۇش پارتلىسا، ئامېرىكا باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى توسىيالامدۇ؟

ئامېرىكا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش ئاگېنتلىقىنىڭ بەشىنچى ئەۋلاد «F-35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلارنى قىتئەلەر ئارا بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئىز قوغلاشتا پايدىلىنىش ئۈچۈن سىناق قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

871233
كورېيە يېرىم ئارىلىدا ئۇرۇش پارتلىسا، ئامېرىكا باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى توسىيالامدۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا كىرىزىسى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش ئاگېنتلىقى بەشىنچى ئەۋلاد «F-35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى قىتئەلەر ئارا بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئىز قوغلاشتا پايدىلىنىش ئۈچۈن سىناق قىلدى.

سىناققا مۇناسىۋەتلىك تەپسىلىي مەلۇماتلار، مۇداپىئە سانائىتى شىركىتى نورسوپ گرۇمەن (Northrop Grumman) نىڭ چەكلىك ساندىكى ئامېرىكا تاراتقۇلىرى مۇخبىرلىرىغا قىلغان تونۇشتۇرۇشى بىلەن ئاشكارىلاندى.  

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا تارقىتىلغان خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، نورسوپ گرۇمەننىڭ مارىلەنددىكى ئىشخانىسىدا ئېچىلغان يىغىندا 2014-يىلى ئامېرىكا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش ئاگېنتلىقىنىڭ قىلغان سىناقلىرىنىڭ ۋىدېئوسى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، «F-35» تىپلىق ئايروپىلانلارنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىغا ئورنىتىلغان «DAS» (Distributed Aperture System) سىستېمىسىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئىز قوغلاپ-قوغلىيالمايدىغانلىقى سىناق قىلىنغان.

«DAS» دەپ نام بېرىلگەن ئىز قوغلاش سىستېمىسى ئۇچقۇچىلارنىڭ 360 گىرادۇس بويىچە ئەتراپىدىكى ئايروپىلان ياكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى بايقىشىغا ياردەمچى بولالايدىكەن. سىناقتا، «F-35» لەر قىتئەلەر ئارا بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى بايقاپ، يەر يۈزىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىلىرىغا ئېنىق كوردىنات ئۇچۇرىنى يەتكۈزگەن.

ئامېرىكا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىلىرىنى سىناق قىلىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولسىمۇ، قىتئەلەر ئارا بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى دەل جايىدا سوقۇپ چۈشۈرۈۋېتەلىشىنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (بەش بۇرجەكلىك بىنا، پېنتاگون) شىمالىي كورېيەنىڭ قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى سوقۇپ چۈشۈرۈۋېتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىنىڭ، قويۇپ بېرىلىگەندىن كېيىن يۇقىرىغا قاراپ ئۆرلەۋاتقان پەيت، دەپ قارىسىمۇ، بىراق شىمالىي كورېيەنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ بۇنىڭغا ئىمكان بەرمەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. شۇڭا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تېخىمۇ يىراقنى كۆرىدىغان قاراشلار ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر