ئاۋسترالىيەدە بىر شىمالىي كورېيەلىك جاسۇسلۇقتىن تۇتۇلدى

ئاۋسترالىيەدە شىمالىي كورېيە ئۈچۈن ئىقتىسادىي جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن چەن خەن چوي تۇتۇلدى.

870470
ئاۋسترالىيەدە بىر شىمالىي كورېيەلىك جاسۇسلۇقتىن تۇتۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋسترالىيەدە شىمالىي كورېيە ئۈچۈن ئىقتىسادىي جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن چەن خەن چوي نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

ئاۋسترالىيە فېدراتىپ ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سىدنىينىڭ ئېسۋۇد رايونىدا ياشايدىغان چەن خەي چوي شىمالىي كورېيەگە تەۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ ئۈسكۈنىلىرىنى ھىندونېزىيە ۋە ۋيېتنامدىكى ئالاقىدار ئورۇنلارغا سېتىشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلەنگەن.

ئاۋسترالىيە فېدراتىپ ساقچى ئىدارىسى مۇئاۋىن باشلىقى نېيىل گۇھان تەخمىنەن بىر يىلدىن بۇيان نازارەت قىلىپ كېلىنىۋاتقان چەننىڭ،  شىمالىي كورېيەنىڭ سادىق جاسوسى بولۇپ «ۋەتەن ۋە مۇقەددەس بۇرچىلارغا خىزمەت قىلىشقا ئۆزىنى ئاتىغانلىقىنى»ئېيتتى.

ب د ت ۋە ئاۋسترالىيەنىڭ شىمالىي كورېيەگە قويغان ئىقتىسادىي ئېمبارگولارغا زىت ھالدا ئىقتىسادىي جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن چەن،  سوتتا  جىنايىي قىلمىشلىرى بېكتىىلگەن تەقدىردە ئاۋسترالىيە قانۇنىغا ئاساسەن ئەڭ ئاز 10 يىلغىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ.

تەخمىنەن 30 يىلدىن بۇيان ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان چەن  قىرغۇچى قوللارنى يوقىتىشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن دائىرىسىدە بىر تەرەپ قىلىنغان تۇنجى جىنايەتچى بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر