ئافغانىستان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى بىناسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىكى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى بىناسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

870918
ئافغانىستان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى بىناسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان ساقچى تارماقلىرى، ھۇجۇمچىلارنىڭ كابۇلنىڭ ئافشار رايونىدىكى قۇرۇلۇشى داۋاملىشىۋاتقان بىر بىناغا كىرىپ، دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ مەشىق مەركىزىنى ئوققا تۇتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ھۇجۇمچىلارنى بىر تەرەپ قىلىش ھەرىكىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلۈپ – كۆرۈلمىگەنلىكى، ھۇجۇمچىلارنىڭ سانى قاتارلىقلار توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.

رايوننىڭ كىرىش – چىقىش ئېغىزلىرى تاقىۋېتىلدى، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈستىگە ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر