ئامېرىكا: سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەرنىڭ جەنۋە يىغىنىغا قاتنىشىشى ناھايىتى مۇھىم

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەرنىڭ تۈرلۈك شەكىلدىكى توسالغۇلارغا قارىماي مۇۋەپپەقىيەتسىزلىك بىلەن ئاخىرلاشقان 8 – نۆۋەتلىك جەنۋە يىغىنىغا  قاتنىشىشىنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

869589
ئامېرىكا: سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەرنىڭ جەنۋە يىغىنىغا قاتنىشىشى ناھايىتى مۇھىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  مىنىستىرلىق تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ تۈرلۈك شەكىلدىكى توسالغۇلۇرى ۋە ئالداش تاكتىكىلىرىغا قارىماي سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەرنىڭ جەنزە يىغىنىغا قاتنىشىشىنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەرنىڭ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ تۈرلۈك شەكىلدىكى توسالغۇلىرى ۋە ئالداش تاكتىكىلىرىغا قارىماي جەنۋە يىغىنىغا قاتنشىشىنى ناھايىتى مۇھىم دەپ قارايمىز. ئامېرىكا ھەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ستاففان دې مىستۇرانىڭ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ قوللىغۇچىلىرىنى جەنۋەدە ئۆكتىچىلەر بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىش  ئۈچۈن تەسىر كۈچىدىن پايدىلىش چاقىرىقىنى  ھەم جەنۋە باسقۇچىنى قوللايدۇ. توقۇنۇشنى ھەل قىلىشنى خالايدىغان بارلىق تەرەپلەر سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر چارىسىنىڭ جەنۋە باسقۇچى ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىشى ۋە بۇ ھەقتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى لازىم.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر