ھىندونېزىيەدە يەر تەۋرىدى

ھىندونېزىيەنىڭ جاۋا ئارىلىدا مەيدانغا كەلگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە 2 كىشى قازا قىلدى.

869686
ھىندونېزىيەدە يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندونېزىيە مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 7.3 بال، ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 6.5 يەر تەۋرىگەن.

ھىندونېزىيە دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن رايونلاردا 40 تىن ئارتۇق ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، 65 ئۆي، دوختۇرخانىلار، دۆلەت ئورگانلىرى بىنالىرى زىيانغا ئۇچرىغان. يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن رايونلاردىن بىرى بولغان پايتەخت جاكارتادا ھازىرغىچە ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى ۋە ماددىي زىيان كۆرۈلمىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر