جەنۋە يىغىنلىرى نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى

ب د ت سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ستېفان دېمىستۇرا شىۋېيتسارىيە پايتەختى جەنۋە شەھىرىدە «8-جەنۋە» يىغىنلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتسىز ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

868899
جەنۋە يىغىنلىرى نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى دېمىستۇرا پايتەخت جەنۋە شەھىرىدە سۈرىيە ھەققىدە 28-نويابىردىن تارتىپ داۋام قىلىۋاتقان «8-جەنۋە» سۆھبەت يىغىنلىرىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ھەيئىتى ۋە ئۆكتىچىلەرنىڭ ھەيئىتى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى.

 دېمىستۇرا كۆرۈشۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغنىدا، 2017-يىل 28-نويابىردىن تارتىپ سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى بىلەن 11 قېتىم، بەششار ئەسەد ھەيئىتى بىلەن يەتتە قېتىم يىغىن ئاچقانلىقلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۆكتىچىلەرنىڭ تەلىپى بولغان ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت، ئاساسىي قانۇن، سايلام ۋە تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتىن ئىبارەت تۆت ئاساسىي تېمىنىڭ ھەممىسىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى، بىراق بەششار ئەسەد ھاكىمىيتىنىڭ پەقەت تېررورلۇققا قارشى كۈرەش مەسىلىسىگىلا مەركەزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۈرىيە ھەققىدىكى «8-جەنۋە» يىغىنلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتسىز ئاخىرلاشقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدۇق، ئالتۇندەك پۇرسەت قاچۇرۇپ قويۇلدى» دېدى.

ئۇ سۈرىيە سۆھبەتلىرىنى 2018-يىل يانۋار ئېيىدا قايتا باشلاشنى پىلان قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر