ئاراكاندا بىر ئايدا 6 مىڭدىن ئارتۇق مۇسۇلمان ئۆلتۈرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن

چېگراسىز دوختۇرلار تەشكىلاتى ئاراكاندا بىر ئايدا 6 مىڭ 700 مۇسۇلمان ئۆلتۈرۈلدى دەپ ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

868156
ئاراكاندا بىر ئايدا 6 مىڭدىن ئارتۇق مۇسۇلمان ئۆلتۈرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چېگراسىز دوختۇرلار تەشكىلاتى باڭلادىشتىكى مۇساپىرلار ھەققىدىە تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا، بىرمادا 2017-يىل 25-ئاۋغۇستتىن 24-سېنتەبىرگىچە 9 مىڭ ئاراكانلىق مۇسۇلماننىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە 6 مىڭ 700 مۇسۇلماننىڭ زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە قۇربان كەتكەنلىكىنىڭ ئەڭ چوڭ ئېھتىمال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

چېگراسىز دوختۇرلار تەشكىلاتى زوراۋانلىقلارنىڭ قۇربانغا ئايلىنىپ كەتكەن 6 مىڭ 700 ئاراكانلىق مۇسۇلماننىڭ %69 نىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، %9 نىڭ كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، %5 نىڭ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى تەخمىن قىلغان.

چېگراسىز دوختۇرلار تەشكىلاتى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، ئۆلتۈرۈلگەن ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندە 730 نىڭ بەش ياشتىن تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ، بۇ بالىلارنىڭ %59 نىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، %15 نىڭ كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، %7 نىڭ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ۋە %2 نىڭ مېناغا دەسسىۋېلىپ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى قەيت قىلغان.

چېگراسىز دوختۇرلار تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، باڭلادىشقا قېچىپ بارغان ئاراكان مۇسۇلمانلىرى سانى 647 مىڭ ئىكەن.

مەزكۇر تەشكىلات تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاراكان رايونىغا بېرىش ئىمكانىيىتىنىڭ ئىنتايىن چەكلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر