رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھەيئىتى شىمالىي كورېيەدە زىيارەتتە بولماقتا

تۇنجى نۆۋەتلىك رۇسىيە - شىمالىي كورېيە ھەربىي كومىتېتى يىغىنى پىيوڭياڭدا باشلاندى.

868543
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھەيئىتى شىمالىي كورېيەدە زىيارەتتە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىن بىر ھەيئەت تۇنجى نۆۋەتلىك رۇسىيە - شىمالىي كورېيە ھەربىي كومىتېتى يىغىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن پىيوڭياڭغا يېتىپ باردى.

رۇسىيە ۋە شىمالىي كورېيە مەسئۇللىرى خەتەرلىك ھەربىي پائالىيەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرىلەشتى.

رۇسىيەنىڭ شىمالىي كورېيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ فېسبۇك ھېسابىدا ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا تەۋە بىر ھەيئەتنىڭ پىيوڭياڭدا زىيارەتتە بولۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

رۇسىيە - شىمالىي كورېيە ھەربىي كومىتېتى يىغىنىدا، تۈنجى قېتىم بىر يەرگە جەم بولغان ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن خەتەرلىك ھەربىي پائالىيەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېلىشىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا مۇزاكىرىنىڭ تولىمۇ ئىجابىي ئۆتكەنلىكى ۋە رۇسىيە ھەيئىتىنىڭ 16 – دېكابىرغا قەدەر پىيوڭياڭدا تۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

رۇسىيە بىلەن شىمالىي كورېيە ئوتتۇرىسىدا خەتەرلىك ھەربىي پائالىيەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېلىشىمى 2015 – يىلى 12 - نويابىردا تۈزۈلگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر