ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى 45 پەلەستىن پۇقراسىنى يارىدار قىلدى

نامايىش باشلانغان چارشەنبە كۈنىدىن بۇيان ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇس، غەربىي قىرغاقنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرى ۋە غەززەدە يۈزلىگەن پەلەستىن پۇقراسىنى يارىدار قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

867278
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى 45 پەلەستىن پۇقراسىنى يارىدار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلىش قارارىغا قارشى نامايىشلار باشلىنىپ 5 – كۈنىگە قەدەم قويغاندا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى غەربىي قىرغاق، قۇددۇس ۋە غەززەدىكى نامايىشلارغا قاتتىق مۇداخىلە قىلىپ، 45 پەلەستىن پۇقراسىنى يارىدار قىلدى.

پەلەستىن قىزىل ئاي جەمئىيىتىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ پەلەستىنلىك نامايىشچىلارغا راست ئوق ۋە پىلاستىك ئوق ئىشلەتكەنلىكى، مۇداخىلە جەريانىدا غەززەدە 9 كىشىنى، قۇددۇس ۋە غەربىي قىرغاقنىڭ ئوخشاش بولمىغان رايونلىرىدا 36 كىشىنى يارىدار قىلغانلىقى قەيت قىلىندى. 

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ياش ئاققۇزۇش بومبىسى سەۋەبىدىنمۇ غەربى قىرغاق ۋە قۇددۇستا 60 كىشىنىڭ ھەمدە غەززەدە 19 كىشىنىڭ نەپەستىن توختاپ كېتىش خەۋپىگە دۇچار بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ چارشەنبە كۈنى قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلغاندىن بۇيان ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇستا، غەربىي قىرغاقنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرى ۋە غەززەدە نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈۋاتقان پەلەستىن پۇقرالىرىغا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ قاتتىق مۇداخىلە قىلىشى تۈپەيلىدىن يۈزلىگەن پەلەستىن پۇقراسى يارىدار بولدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر