شىمالىي كورېيە بىلەن باشلىنىدىغان ئۇرۇشنىڭ سېنارىيەسى يېزىپ چىقىلدى
جېفرېي لېۋىس تەرىپىدىن يېزىلغان سېنارىيەدە، كىم جوڭئۇننىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جامېس مارتىن قوراللارنىڭ كېڭىيىشىنى توسۇش تەتقىقات مەركىزى، شەرقىي ئاسىيا پىروگراممىلىرى دىرېكتورى جېفرېي لېۋىس كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى توقۇشلارنىڭ قانداق باشلىنىش سېنارىيەسىنى يېزىپ چىقتى.
لېۋىس ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، ئۇرۇشنىڭ باشلىنىش جەريانى ھەققىدە مۇنۇلارنى قەيت قىلدى:
«شىمالىي كورېيە 2019 – يىلىنىڭ مارت ئېيىدا، چېگرالىرى ئەتراپىدا داۋاملىشىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەردىن زېرىكىپ، خاتا ھالدا ئاممىۋى ئايروپىلاننى ئامېرىكا ھەربىي ئايروپىلانى ھېسابلاپ ئېتىپ چۈشۈرىدۇ. بۇنىڭغا جاۋابەن، جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جائىن چېگرا رايوندىكى شىمالىي كورېيە نىشانلىرىغا ھۇجۇم قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈرىدۇ. دەل شۇ چاغدا يەنە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپمۇ تۋىتتېر ھېسابىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، <كىچىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئادەم ئۇزۇنغىچە چېداپ تۇرالمايدۇ> دەيدۇ. شىمالىي كورېيە بۇ سۆزلەرنى بىۋاستە تەھدىت ۋە ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك يادرو قورال ھۇجۇمىنىڭ سېگنالى، دەپ چۈشىنىدۇ. شىمالىي كورېيەنىڭ قولىدىكى 48 باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ 36 ى قويۇپ بېرىلىدۇ. بىر قىسىمى نىشانغا يېتىپ بارالمىسىمۇ، قالغانلىرى ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيەدىكى نىشانلارغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق سالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئامېرىكا شىمالىي كورېيەگە قاتتىق ھۇجۇمنى باشلايدۇ. كىم جوڭئۇن قولىدا ئېشىپ قالغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئېتىش بۇيرۇقى چۈشۈرىدۇ. سانتىياگو ۋە پىيورىل خاربور ھەربىي بازىلىرى بىلەن نىيۇ يورك ۋە ۋاشىنگتون ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ. باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى ئامېرىكانىڭ ھاۋا مۇداپىئە قالقان سىستېمىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈشتە ئۇتۇققا ئېرىشىدۇ. مانخاتتونغا قىلىنغان ھۇجۇم سەۋەبىدىن 1 مىليون كىشى ئۆلىدۇ. ۋاشىنگتوندىمۇ قۇربان بولغانلارنىڭ سانى 300 مىڭغا يېتىدۇ. ترامپ فلورىدادىكى پاناھجايغا يوشۇرۇنۇش ئارقىلىق جېنىنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ. بۇ ئارىلىقتا كىم جوڭئۇننىڭ جەسىتى بىر يەر ئاستى پاناھلىنىش جايىدىن تېپىلىدۇ. كىم جوڭئۇننىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.»