ئىران سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن يارىشىشنىڭ ئىككى تۈرلۈك شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويدى

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى، يەمەننى بومباردىمان قىلىشنى توختاتقان ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزگەن تەقدىردە، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن مۇناسىۋەتلىرىگە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

865858
ئىران سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن يارىشىشنىڭ ئىككى تۈرلۈك شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى يەكشەنبە كۈنى ئىران پارلامېنتىدا سۆز قىلىپ، ئىراننىڭ رايون خاراكتېرلىك رەقىبى سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ياخشى ئالاقە ئورنىتىشلىرىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىككى ئىشنى توختىتىشىنى خالايمىز؛ (ئۇلار) زىيۇنىستلار بىلەن بولغان خاتا دوستلۇققا خاتىمە بەرسۇن ۋە يەمەننى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان شەكىلدە بومباردىمان قىلىشنى توختاتسۇن. سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بىر مەسىلىمىز يوق، قايتىدىن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشىمىز مۇمكىن. ئەمما، بۇنى باشلىشى كېرەك بولغىنى ئۇلار. كېلىڭلار، (بۇنى) باشلاڭلار» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر