ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئىراندا زىيارەتتە بولىدۇ

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئىراندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

864689
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئىراندا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سويلۇنىڭ ئىران ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇررىزا راخمانى فازلى بىلەن ئېلىپ بارىدىغان ئۇچرىشىشلىرىدا، چېگرا مۇداپىئەسى مەسىلىسىدە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، تېررورىزم ۋە ئەتكەسچىلىككە قارشى  كۈرەش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

بىر كۈنلۈك ئىران زىيارىتىدە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىغا قوراللىق قىسىم باش قوماندانى گېنېرال ئارىف چەتىن بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سەلامى ئالتىنئوق قاتارلىقلار ھەمراھ بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر