ئامېرىكىدىكى بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

ئامېرىكىنىڭ نىيۇ مېكسىكو ئىشتاتىدىكى بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئىككى ئوقۇغۇچى ئۆلدى.

864288
ئامېرىكىدىكى بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىشتاتلىق ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئازتېك تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا گۇمانلىق زوراۋانمۇ ئۆلگەن بولۇپ، مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ساقچى تەرەپ زوراۋاننىڭ قانداق ئۆلگەنلىكى، ئۇنىڭ ئوقۇغۇچى ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن.

 ھۇجۇمدىن كېيىن تەخمىنەن 900 ئوقۇغۇچى ئوقۇيدىغان مەكتەپ تاقالغان، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى قاتتىق كۈچەيتىلگەن، ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.

يەنە بىر تەرەپتىن، رايوندىكى بارلىق مەكتەپلەر بىخەتەرلىك كۆزدە تۇتۇلۇپ تاقالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر