ئافغانىستاندا بىر جامەدە بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ ئىمام ئۆلدى

ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى نانگارخار ۋىلايىتىنىڭ ماماند دارا ناھىيەسىدىكى بىر جامەدە جۈمە نامىزى جەريانىدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا جامە ئىمامى ئۆلدى.

864294
ئافغانىستاندا بىر جامەدە بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ ئىمام ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نانگارخار ۋالىي مەھكىمىسى باياناتچىسى ئاتائۇللاھ خوڭيانىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ناھىيەنىڭ ھازار ناۋ رايونىدىكى بىر جامەنىڭ مۇنبىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان بومبا جۈمە نامىزى جەريانىدا پارتلىغان، پارتلاشتا جامە ئىمامى قازا قىلغان، 8 كىشى يارىلانغان، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھازىرغىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر