ترامپنىڭ قۇددۇس قارارىغا لەنەت ياغماقتا

تۈركىيەنىڭ ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلىش قارارىغا لەنەت ياغماقتا.

864172
ترامپنىڭ قۇددۇس قارارىغا لەنەت ياغماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن ئىسلام دۇنياسىغا نىسبەتەن «مۇقەددەس كۈن» بولغانلىقى ئۈچۈن مەملىكەت ئىچى – سىرتىدا نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئىسلام دۇنياسىدا جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدىغان نامايىشلاردا ترامپنىڭ قارارى ئەيىبلىنىدۇ ھەمدە قۇددۇسنىڭ ساھىبسىز ئەمەسلىكى پۈتكۈل جاھانغا جاكارلىنىدۇ.

ئادانا ۋىلايىتىدە پۇقراۋى قوغدىنىش ھەرىكىتى مەجلىسىنىڭ ئالدىدا 65  جەمئىيەت ۋە فوندى جەمئىيەت جۈمە نامىزىدىن كېيىن بايانات ئېلان  قىلىدۇ.

دىيارباقىر ۋىلايىتىدىمۇ پۇقراۋى قوغدىنىش ھەرىكىتى تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىكىدە «ئۇلۇغ جامەسى» نىڭ ئالدىدا بايانات ئېلان قىلىنىدۇ ھەمدە ئامېرىكىنىڭ قۇددۇس قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلىدۇ. ئەرزۇرۇم ۋىلايىتىدىمۇ «لالاپاشا جامەسى» نىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر