مايك پېنس پەلەستىندە قارشى ئېلىنمايدىغان كىشى دەپ ئېلان قىلىندى

ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس 19-دېكابىردىكى زىيارىتىدىن بۇرۇن پەلەستىندە «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشى» دەپ ئېلان قىلىندى.

863808
مايك پېنس پەلەستىندە قارشى ئېلىنمايدىغان كىشى دەپ ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فەتىھ ھەرىكىتى مەركىزىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى جىبرىل ئەررۇجۇب بىر تېلېۋېزىيە پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى پېنسنىڭ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن باشلايدىغان پەلەستىن زىيارىتىدىن بۇرۇن «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشى» دەپ ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

جىبرىل ئەررۇجۇب پېنسنىڭ پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇت ئابباس بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن 19-دېكابىر پەلەستىنگە كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئەرەب دۆلەتلىرىنى قۇددۇسنى ئىسىرائىلىيە پايتەختى دەپ ئېلان قىلغان ئامېرىكادىن ھېچقانداق ئەمەلدارنى قوبۇل قىلماسلىققا چاقىردى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 5-دېكابىردىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 1980-يىلى چىقارغان ئىسىرائىلىيەنىڭ شەرقىي قۇددۇسنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ، پايتەخت ئېلان قىلىشىنى كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ ھېسابلىغان 478-نومۇرلۇق قارارى بار بولسىمۇ، «قۇددۇسنى رەسمىي ئىسىرائىلىيە پايتەختى دەپ تونۇشنىڭ ۋاقتى كەلدى» دېگەن ئىدى.

پىرېزىدېنت ترامپ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تېل ئاۋىۋدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەش ئۈچۈن تەييارلىقلارنى باشلاش توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈرگەنلىكىنىمۇ ئېيتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر