مېركېل ترامپنى تەنقىد قىلدى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنى تەنقىد قىلدى.

864050
مېركېل ترامپنى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېركېل گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان لىۋىيە مىللىي كېڭىشى ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى فەيز ئەسسەرراج بىلەن بېرلىندە ئۆتكۈزگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ترامپنىڭ ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسىنى تېل ئاۋىۋدىن قۇددۇسقا يۆتكەش قارارىنى تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ مەسىلىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارلىرىغا رىئايە قىلىمىز. بۇ قارارلاردا ئىككى دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مۇزاكىرىلەر دائىرىسىدە قۇدۇسنىڭ سالاھىيىتى توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىشىمۇ مۆلچەرلەنمەكتە. بىز مانا مۇشۇنداق بىر باسقۇچنىڭ جاللاندۇرۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، بىراق ترامپنىڭ قارارىغا قوشۇلمايمىز.»

بۇ ھەقتە ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە ئۆز ئالدىغا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ھېچقانداق ئۈنۈمگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن مېركېل مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ياۋروپا ئەللىرى ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى مۇمكىن، ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكىغا ئېھتىياجى بار.»

فەيز ئەسسەرراجمۇ ترامپنىڭ قۇددۇس قارارىنى تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى: «پەلەسىتن داۋاسىنى قوللايمىز. بۇ ھەقتە ھېچقانداق بىر دۆلەت ئۆز ئالدىغىلا قارار چىقارماسلىقى كېرەك. بولمىسا، ئوتتۇرا شەرقتە تىنچلىققا تەھدىتلەرنىڭ شەكىللىنىشى، تېخىمۇ كۆپ ئىختىلاپ ۋە قالايمىقانچىلىقنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر