لاۋروۋ بىلەن تىللېرسون رۇس دىپلوماتلار، سۈرىيە ۋە شىمالىي كورېيە مەسىلىلىرى توغرىسىدا سۆزلەشتى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون، ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيېننادا كۆرۈشۈپ، كۈنتەرتىپتىكى مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشتى.

864017
لاۋروۋ بىلەن تىللېرسون رۇس دىپلوماتلار، سۈرىيە ۋە شىمالىي كورېيە مەسىلىلىرى توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون، ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيېننادا چاقىرىلغان ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 24 – نۆۋەتلىك مىنىستىرلار يىغىنى دائىرىسىدە كۆرۈشۈپ، ئامېرىكىدا خىزمەت قىلىۋاتقان رۇس دىپلوماتلار ۋە رۇسىيە مېدىياسىغا ئالاقىدار ئەھۋاللار، شىمالىي كورېيە شۇنداقلا سۈرىيە مەسىلىلىرى توغرىسىدا سۆزلەشتى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، لاۋروۋنىڭ كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى سۈركىلىشكە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كورېيە يېرىم ئارىلى رايونىدىكى قەدەملىرىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان جىددىيچىلىك ۋە قۇترىتىش ماھىيەتلىك سۆزلەرنىڭ كۆپىيىپ قېلىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

باياناتتا، لاۋروۋنىڭ، تىللېرسوننى كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىنى پەقەت دىپلوماتىك ئۇسۇل بىلەنلا ھەل قىلىش ئۈچۈن يېڭى تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشكە چاقىرغانلىقى تەكىتلەندى.

تەرەپلەرنىڭ سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىش يولىدا تاشلىنىشى زۆرۈر بولغان قوشۇمچە قەدەملەر توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرغانلىقى تىلغا ئېلىنغان باياناتتا، «تەرەپلەر، جەنۋە سۆھبەتلىرى ۋە سوچىدا چاقىرىلىشى پىلانلىنىۋاتقان مىللىي دىيالوگ قۇرۇلتىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۈرىيەدىكى بارلىق سىياسىي كۈچلەر ئىشتىراك قىلىدىغان سىجىل دىيالوگ مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنىڭ ئەھمىيىتىگە ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا يەنە، لاۋروۋنىڭ ئۇچرىشىشتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان رۇس دىپلوماتلىرى ۋە رۇس مېدىيا مەنسۇپلىرىغا قىلىنىۋاتقان بېسىمنى قوبۇل قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىگە ئىشارەت قىلىپ ئۆتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر