جەنۇبىي كورېيە كىم جوڭئۇننى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئالاھىدە ئەترەت قۇرىدىكەن

جەنۇبىي كورېيەنىڭ شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن خامچوت ئاجرىتىپ، ئالاھىدە ئەترەت قۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

863968
جەنۇبىي كورېيە كىم جوڭئۇننى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئالاھىدە ئەترەت قۇرىدىكەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەدە چىقىدىغان «كوممېرسانت گېزىتى» نىڭ جەنۇبىي كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 6-دېكابىر ئېلان قىلغان 2018-يىللىق خامچوت پىلانىدىن نەقىل ئېلىپ تارقاتقان خەۋىرىدە، مىڭ كىشىلىك ئەترەتنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە قوراللاندۇرۇلۇشى ئۈچۈن 340 مىليون ۋون (310 مىڭ دوللار) ئاجرىتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، ئالاھىدە ئەترەتتىكىلەرنىڭ ۋەزىپىسى كىم جوڭئۇننى ئۆلتۈرۈش بولۇپ، خادىملار ئامېرىكانىڭ ئەل قائىدە رەھبىرى ئۇسامە بىن لادىننى ئۆلتۈرگەن «SEAL Team Six» پىروگراممىسى بويىچە تەربىيەلىنىدىكەن.خادىملارغا ئۇچقۇچىسىز بومباردىمانچى ئايروپىلانلار، ئۇچقۇچىسىز چارلاش ئايروپىلانى ۋە بومبا ئاتارلار سەپلەپ بېرىلىدىكەن ۋە ئەترەتنىڭ شىمالىي كورېيەگە مەخپىي كىرىشى ئۈچۈن « Ch-47 Chinook»  تىپلىق تىك ئۇچار ئىلغارلاشتۇرۇلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر