10-دېكابىردا نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىپ بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ

شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولمدا 10-دېكابىردا نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىپ بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

863130
10-دېكابىردا نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىپ بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېدىتسىنا ، خىمىيە، فىزىكا، ئەدەبىيات ۋە ئىقتىساد ساھەسىدە نوبېل مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلگەنلەرگە بۇ يىل 10-دېكابىردا مۇكاپات تارقىتىپ بېرىلىدۇ.

شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولمدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇكاپات تارقىتىپ بېرىش مۇراسىمىغا پادىشاھ كارل 16-گۇستاپمۇ ئىشتىراك قىلىدۇ.

مۇراسىمدا مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلگەنلەرگە 900 مىڭ ياۋرو پۇل ۋە مېدال تارقىتىپ بېرىلىدۇ.

نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلگەن كىشى ئۈچۈن بولسا نورۋېگىيەنڭ پايتەختى ئوسلودا مەخسۇس مۇكاپات تارقىتىپ بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

بىلدۈرۈلۈشىچە، نوبېل ھەپتىىسى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ يىل ئۆكتەبىردە نوبېل كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان مېدىتسىنا، خىمىيە، ئەدەبىيات، فىزىكا ۋە ئىقتىساد پەنلىرىنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلگەن زاتلار سىتوكھولمغا كەلگەن.

نوبېل مۇزېينى ئېكسكۇرسىيە قىلغان نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر مۇزېيىدا ساقلىنىپ كېلىنىۋاتقان قارا رەڭلىك ئورۇندۇقلارغا ئىمزا قويدى، شۇنىڭ بىلەن نوبېل ھەپىتىسى رەسمىي باشلىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر