ئەنگلىيە باش ۋەزىرىگە بومبا ۋە پىچاق بىلەن سۇيىقەست قىلماقچى بولغان كىشى نازارەتكە ئېلىندى

ئەنگلىيە ئىچكى ئىستىخبارات تەشكىلاتى «MI5»نىڭ باشلىقى ئاندرېۋ پاركېر مارت ئېيىدىن بۇيان ئەنگلىيەدە 9 قېتىملىق تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ توسۇپ قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

862376
ئەنگلىيە باش ۋەزىرىگە بومبا ۋە پىچاق بىلەن سۇيىقەست قىلماقچى بولغان كىشى نازارەتكە ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېيگە بومبا ۋە پىچاق بىلەن سۇيىقەست قىلىش تەييارلىقىدا ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن كىشى نازارەتكە ئېلىندى.

ئەنگلىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى «BBC»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 20 ياشلىق نائىمۇر زەكەرىيا رەھمان ئىسىملىق گۇماندار ئالدىنقى ھەپتە باش ۋەزىرلىك ئىشخانىسى جايلاشقان دوۋنىڭ كوچىسىغا بومبا ھۇجۇمى قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان پەيتتە قولغا چۈشۈرۈلگەن.

رەھماننىڭ دوۋنىڭ كوچىسىنى فوغدايدىغان دەرۋازىلارغا بومبا ھۇجۇمى قىلماقچى بولغانلىقى، ئاندىن باش ۋەزىر مېينى پىچاق تېقىپ ئۆلتۈرۈشنى پىلانلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ئەترىتى 28 – نويابىر ئېلىپ بارغان ھەرىكەتتە، رەھماننى نازارەتكە ئالغان بولۇپ، 21 ياشلىق مۇھەممەد ئەقىب ئىمران ئىسىملىق يەنە بىر گۇماندارنىڭ بۈگۈن سوتقا تارتىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئەنگلىيە ئىچكى ئىستىخبارات تەشكىلاتى «MI5»نىڭ باشلىقى ئاندرېۋ پاركېر مارت ئېيىدىن بۇيان ئەنگلىيەدە 9 قېتىملىق تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ توسۇپ قىلىنغانلىقىنى، تېررورلۇق تەھدىتلىرىنىڭ ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە تىز سۈرئەت بىلەن ئېشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتتى.

ئەنگلىيەدە بۇ يىل ئەڭ دەسلەپ 22 – مارتتا بولۇپ، جەمئىي 5 قېتىم، ئاپتوموبىل، پىچاق ۋە بومبا بىلەن تېررورلۇق ۋەقەسى تۇغدۇرۇلغان ھەمدە 36 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.

بۇ ھۇجۇملارنىڭ بىرسىدە كىچىسى تاراۋىھ نامىزىدىن چىقىۋاتقان جامە جامائىتى ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر